چەت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش قاتناشماسلىقى دىققەت قوزغىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.03
2008.07.03
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇككۇدا ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش، قاتناشماسلىق قارارىنى 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تېخى يېقىندىلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيداننى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كېمۇن، خىزمەت كۈن تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ زىچلىقى سەۋەبلىك ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مەيدانىنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ ئادىل رىقابەت، ئۆز - ئارا چۈشىنىش، ھەمكارلىق ھەمدە ئىناقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر مۇسابىقە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ تەرەپ سۆھبەت نەتىجىسىنىڭ، ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتى، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقى خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " جۇڭگو خەلقى ساركوزىنىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ" دېگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارار ۋە تۈزۈملىرى بۇيىچە، ھەر بىر دۆلەت رەھبىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ، ئولىمپىك ساھىپخانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تەكلىپ قىلىنىشى ھەمدە ئېسىل مېھمان سۈپىتىدە ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى بېكىتىلگەن.









