پاكىستان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخمۇد قۇرەيشى پەيشەنبە كۈنى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ پاكىستان تېررىتورىيىسى ئىچىدە ھۇجۇم قوزغاپ، ھېچقانداق نىشان ۋە ياكى مۇھىم بىر تېررورچىنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.04

 پاكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ قۇرەيشىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
 
ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇنلارنىڭ ئايرۇپىلان بىلەن پاكىستانغا چېگرىسىغا كىرىپ، ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىر رايونغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پاكىستان خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنى ئافغانىستاننىڭ يېنىدىكى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىغا تەۋە ئانگۇر ئادا كەنتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 20 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار بولۇپ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سەۋەبلىك ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.