پاكىستاندا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى يوقاپ كەتتى

ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنى پاكىستاندا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى ۋە ئىككى نەپەر پاكىستانلىق يوقاپ كەتكەن بولۇپ، روېيتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.01

 مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئۇلارنىڭ شوپۇرى ۋە بىر قوغدىغۇچىسى ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان دىر رايونىدا ئالاقە ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىپ قايتىشىدا يوقاپ كەتكەن.

دىر رايونى پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونى سۋات جىلغىسى بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئىلگىرى بۇ رايوندا پاكىستان ئەسكەرلىرى تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سوقۇشقان ئىدى.

رويتېرىستا دىر رايونى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ھەسەن شاھنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت يوقاپ كەتكەن ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېر خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، خىتاينىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆتكەن ئايدا مەزكۇر رايوندا ئىشقا كىرىشكەن ئىكەن.

يوقاپ كەتكەن خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىككى نەپەر پاكىستانلىق ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق بولۇپ، ھازىرغىچە بىرەر قوراللىق گۇرۇپپا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان.

بۇ پاكىستاندا خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم يوقاپ كېتىشى بولۇپ، 2004 - يىلى ئۆكتەبىردە ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى جەنۇبى ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدا يوقاپ كەتكەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.