پولشا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

پولشا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا، پەيشەنبە كۈنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمدە، پولشا بالتىق دېڭىزى بويىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسىدىغان ئەسلىھەلەرنى جايلاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا بولسا پولشانىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ، مۇشۇ رايوندا بۇ يىل 7 ‏ - ئايدا ئامېرىكا بىلەن چېخ ئوتتۇرىسىدا ئىلغار رادار سىستېمىسى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش گېنېرالى ئاناتولى نوگوۋېتسىن 'پولشانىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئۆزىنى بومبا نىشانىغا ئايلاندۇرغانلىقى' دەپ جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋارشاۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، پولشا پرېزىدېنتى لىچ كازىنسكى بۈگۈن 'مەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى دۆلىتىمىزگە كىرگەنلىكىگە ناھايىتى خوشال بولدۇم' دەپ جاكارلىدى.