رۇسىيىدە پۇتىن ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقان گېزىت توختىتىلدى

يېقىندا رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى" موسكۋا مۇخبىرلىرى" رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئايالى لۇدمىلا بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە پۇتىننىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە ئاتاقلىق مۇز تېيىلىش گىمناستىكا ماھىرى، ئولىمپىك چېمپىيونى، رۇسىيە دۇماسىنىڭ ئەزاسى ئالىنا كابايېۋا بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.04.20

 بۇ خەۋەر تېزدىنلا پۈتۈن رۇسىيىنى زىل - زىلگە سالدى شۇنداقلا خەلقئارالىق قىزىقىش قوزغىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۈزەل تەنتەربىيە چولپىنى ئالىنا كابايېۋا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن بەلكى مەزكۇر گېزىتنى سوتقا تارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پرېزىدېنت پۇتىنمۇ بۇنى ئىنكار قىلدى.

رۇسىيىنىڭ "دىنى.رۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن 19 ئاپرىل كۈنى ئىتالىيىنى زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلگەندە، مەزكۇر خەۋەرنى ئىنكار قىلغان ھەمدە رۇسىيە ئاياللىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاياللار ئىكەنلىكىنى ماختاش بىلەن ئۆزى ھەققىدە تارقالغان ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

 بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن "موسكۋا مۇخبىرلىرى گېزىتى" ئىشتىن توختىتىلغان بولسىمۇ، بىراق پۇتىننىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلار بەرىبىر كۆپىيىشكە باشلىغان، كىشىلەر پۇتىننىڭ ئىككى ئايدىن بۇيان ئايالى بىلەن بىر سورۇندا كۆرۈنمىگەنلىكى ھەتتا يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش سوچىغا كەلگەندىمۇ پۇتىننىڭ ئايالىنىڭ مەيداندا بولمىغانلىقىدىن ھەر خىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقان.

قىزىق يېرى شۇكى، پۇتىن توي قىلىدۇ دېيىلگەن 24 ياشلىق گۈزەل چولپاننىڭ دادىسىمۇ، " ئەگەر قىزىم پۇتىنغا تەگسە ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ" دېگەن ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.