رۇسىيە ۋە تۈركىيە دائىرىلىرى چېگرىدا مال تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

رۇسىيە دائىرىلىرى تۈركىيە ماللىرىنىڭ رۇسىيىگە كىرىشىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشقا باشلىغاندىن كىيىن، تۈركىيە سودا تارماقلىرىمۇ رۇسىيىدىن تۈركىيىگە ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە ماللىرىغا قارىتىلغان چەكلىمە قويۇش قارارى، تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا ياردەم ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ قارا دېڭىز ئارقىلىق گرۇزىيىگە كىرىشىگە يول قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى تۈركىيە يۈك ئاپتوموبىللىرىنى رۇسىيە چېگرىسىدا بىر نەچچە ھەپتىگىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تۈركىيە تاشقى سودا مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن ئەپەندى، رۇسىيىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈركىيىگە كېلىدىغان رۇسىيە تاۋارلىرىنىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رۇسىيە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىدىكى يىللىق سودا سوممىسى 28 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر تۈركىيە دائىرىلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە بۇ تۈپەيلى تەسىر يېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيىدە زىيارەتتە بولىدىغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋرۇۋ بىلەن تۈركىيە - رۇسىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.