رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدا چېگرا كېلىشىمى ئىمزالاندى

21 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدا چېگرا كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش ‏ - تارتىشتىكى شەرقىي چېگرا مەسىلىسى ھەل بولغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.21

 كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېلىشىمگە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىلار ئىمزا قويغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف مەزكۇر چېگرا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى، مۇقىملىق، ئۆز ‏ - ئارا مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىققا شەرت ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە كېلىشىمگە ئىمزا قويغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىمنىڭ تولۇق مەزمۇنلىرى ئۈستىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسچە تاراباروف دەپ ئاتىلىدىغان يىنلۇڭ ئارىلىنىڭ ھەممىسى ۋە بولشوي ئۇسسۇرىسكي يەنى خېيشىيازى ئارىلىنىڭ يېرىمى خىتايغا قايتۇرۇلىدىكەن.

رۇسىيە - خىتاي چېگرا دە‏ - تالىشى چاررۇسىيە دەۋرىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتا 1960 - ۋە 70 ‏ - يىللاردا بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.