خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساركوزىي كېلەر ھەپتە ياپونىيىدە چىقىرىلىدىغان G - 8 لەر يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
فرانسىيە پرېزىدېنت سارىيىدىن ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بېرىلگەن خەۋەردە، " نىكولاس ساركوزىي ئولىمپىك يىغىنىنىڭ 8 - ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارماقچى،" دەپ تەكىتلىگەن.
ساركوزىي ئىلگىرى خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە قاراپ، ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ساركوزىينىڭ پرېزىدېنت سارىيى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان، لېكىن فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ كېلەر ھەپتە G - 8 لەر يىغىنىدا ئۆز قارارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ساركوزىي دۈشەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى سۆھبىتىدە، ئۆزىنىڭ قانداق قارارغا كېلىشى خىتاي بىلەن دالاي لاما ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. فرانسىيە خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەڭ شىددەتلىك تەنقىد قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلى پارىژدا يەتكۈزۈلگەندە زور كۆلەملىك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن.
ساركوزىينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانى خىتاي پۇقرالىرىدا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خىتايدىكى فرانسىيە دۇكىنى "كەريفور" نىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئەۋج ئالغان ئىدى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان توردا راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا %90 خىتاي ساركوزىينىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىغا قارشى ئىكەن.