مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن كارادزىك خەلقئارا سوتقا تۇتۇپ كېلىندى

1992 ‏ - يىلىدىن 95 ‏ - يىلىغىچە داۋاملاشقان بوسنىيا - ھەرسەك ئۇرۇشى جەريانىدا، خەلقئارا سوت تەرىپىدىن يەرلىك خەلققە ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ئەينى ۋاقىتتىكى سېرب رەھبىرى رادوۋان كارادزىك بۈگۈن گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ كېلىندى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.30

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى دوسان ستوجانوۋىكنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سوتى كارادزىكنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلەپ 1995 ‏ - يىلى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، جىنايەتچى قېچىپ - يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ سېربىيىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن، سېربىيە دائىرىلىرى جىنايەتچىنى خەلقئارا سوتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنى ب د ت نىڭ باياناتچىسى لىيام مىكدوۋال ئىسپاتلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەندە، سېربىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر 29 ‏ - ئىيۇل كۈنى 15 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كارادزىكنى خەلقئارا سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇردى ۋە كارادزىكنى مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىدى دەپ ئالاھىدە تەسۋىرلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.