ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تەيۋەندە ئىنگلىزچە چىقىدىغان "تەيبى ۋاقتى" گېزىتىگە ئېلان بېرىپ، تەيبېيدە يېڭى ياسالغان ئامېرىكا ئىنستىتۇتى ئىچىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بىخەتەرلىك پونكىتى ياساش ئۈچۈن قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنى، بۇ بىخەتەرلىك پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئەھدىگە ئېلىش ئۈچۈن تەكلىپلىرىنى سۇنۇشقا چاقىرغان.
چەت دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە باش كونسولخانىلىرىگە، كىچىك بىر دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداۋاتقان، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەزكۇر ئىنسىتېتوتنىڭ سىياسىي ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىدا ئىشلەيدىغانلاردىن، ۋەزىپىگە باشلاشتىن بۇرۇن، تاشىقى ئىشلار مىنستىرلىگىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. لېكىن يېقىندا بۇ شەرتنى بىكار قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەتىش قارارىنى، ئامېرىكا تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش دەپ كۆرسەتكەن، تەيبىدىكى تامكاڭ ئونۋېرسىتىېتىنىڭ پروفېسسورى، ئالېكساندىر خۇۋاڭ، تەيۋەندىكى ئامېرىكا ئىنستىتۇتىغا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىشى بىلەن ئامېرىكا بۇ ئىنسىتېتوتنىڭ ئورنىنى ئەلچىخانا دەرىجىسىگە كۆتەرگەن بولىدۇ" دېگەن.