ياپونىيە باش مىنىستىرى، ' تىبەت مەسىلىسى خەلقئارالىق بىر مەسىلە،' دېدى

ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسو فۇكودا، جۈمە كۈنى، ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىگە، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، "خىتاي تەرەپنىڭ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قولىدىن كەلگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر نىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى فوكودا نىڭ تىبەت ھەققىدىكى سۆزلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بېيجىڭ رەھبەرلىرى ھازىرغىچە، تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبىتى جەريانىدا يەنىلا تىبەت خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، "ئەگەر دالاي لاما، بۆلگۈنچى پائالىيەتلىرىنى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى شۇنىڭدەك بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاراتقان ھەرىكەتلىرىنى توختاتسا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئىشىكى ئېچىلىدۇ" دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ ياپونىيىگە قاراتقان تۆت كۈنلۈك زىيارىتى، ئاساسەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ نىڭ ماي ئېيىدا ياپونىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.