ۋاشىنگتون پوچتىسى : گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسى چوقۇم تاقىلىشى لازىم

7 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس پارھات ھۇزەيفە ھەققىدىكى قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قەدىمىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ۋە جانلىق پاكىتى دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا مەزكۇر تۈرمىنىڭ چوقۇم تاقىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوت كوللېگىيىسى 30 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان قارارىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇس پەرھاتنى ئىنتايىن تۇتۇرۇقسىز ۋە كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ماقالىدە پەرھاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلى، 2001 - يىلى خىتايدىن قېچىپ چىققانلىقى ھەمدە ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار يىغىلغان بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا پاناھلانغانلىقى، 2002 - يىلى مەزكۇر لاگېر ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا پاچاقلانغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ شۇ يەردە قولغا چۈشۈپ ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە سوت ھۆكۈمنامىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پەرھاتنىڭ ئەلقائىدە ياكى تالىبان ئەزاسى ئەمەسلىكى، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلغانلىق تارىخى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە يەنە 2003 - يىلىمۇ، پەرھاتنىڭ دېلوسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭمۇ پەرھاتنى قويۇۋېتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەتتا ئامېرىكا ھەربىي سوتىنىڭمۇ پەرھاتنى قويۇپ بېرىلىدىغان كاندىداتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنە 6 يىلدىن بېرى مەزكۇر تۈرمىدە ئىزتىراپ چېكىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پەرھات ئۈستىدە بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان سوتنىڭ قارارى 23 - ئىيۇن ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى قاراردا پەرھاتنى دەرھال قويۇۋېتىشنى بەلگىلىگەن ھەمدە 30 - ئىيۇن سوت ئىزاھاتىنىڭ بىر قىسىمىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسى كەڭ ئورۇن ئالغان ھەتتا ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.