خىتاي ئولىمپىكنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى، TIP بولسا ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتىغا تەڭ ئورۇن بېرىپ، ئىككى تەرەپ باياناتى ئارىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىقنى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بۈگۈن ئولىمپىك تەييارلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلغان. كومىتېت باشلىقى Sun weide سۆزىدە " بىز ئولىمپىك ئۈچۈن 7 يىل تەييارلىق قىلدۇق، تەييارلىقىمىز پۈتتى. بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كاتتا بىر مۇسابىقە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،" دېگەن.

خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈلىشىچە، بۈگۈن ئىنتېرنېتتە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا يەنە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ باياناتتا بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خەتەرلىك بىر ئولىمپىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ۋاشىنگتوندىكى Entel Center نامىدىكى كۆزىتىش ئورنى ئاشكارىلىغان بۇ يېڭى باياناتتا، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ، خىتايلار بىلەن بىر ئاپتوبۇستا ئولتۇرماسلىق، بىر ئايروپىلانغا چىقماسلىق، بىر پويىزدا ماڭماسلىق ۋە بىر بىنادا ئولتۇرماسلىققا چاقىرىلغان.

بۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئىنتېرنېتتە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا ئۈچىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلىنىشىدۇر. يەنە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى بۈگۈن مېھمانخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، گۇمانلىق كىشىلەرنى دەرھال مەلۇم قىلىشقا بۇيرىغان.

ساقچىلار مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ھازىرغا قەدەر خوڭكوڭدا تېررورلۇققا ئائىت شەپە بايقالمىغانلىقىنى، ئەمما مۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.