دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئەرزىدە خىتاي ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇۋەتتى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئامېرىكا قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ چەتئەل ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىمپورتىغا چەكلىمە قويغانلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.18

 دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن " قالايمىقان ئۆلچەملەرنى بىكار قىلىپ... ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش" نى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ بەلگىلىمىسىدە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئاز دېگەندە %60 ى يەرلىكتىن تەمىنلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئىمپورت قىلىنغان زاپچاسلار بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، پۈتۈن بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىمپورت بېجى ئېلىناتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمىنى ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىدىغان بەزى شىركەتلەرنىڭ باجدىن قېچىپ، ئاپتوموبىللارنى پارچىلاپ ئىمپورت قىلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئاقلىماقتا ئىدى.

لېكىن ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بازارنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قائىدە - قانۇنلىرىغا خىلاپ، دەپ قاراپ ئەرز قىلغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، مەركىزى جەنۋەدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ دېلوغا ئالاقىدار ھۆكۈمىنى بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا چىقارغانلىقى، لېكىن جۈمە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋاب، سودا تەشكىلاتىنىڭ " كۈچلۈك قارارى"دىن "ناھايىتى مەمنۇن " بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ" بۇ قارار خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى چەتكە قېقىشىغا دۇنيا سودا تەشكىلاتى سىستېمىسى ئىچىدە ئورۇن يوقلۇقىنىڭ شەك - شۈبھىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى" دەيدۇ. لېكىن خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر كوللېگىيىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈش، سودا تەشكىلاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەنە بىر كوللېگىيىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.