كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىكىغا كاپالەتچى بولغان شىركەتلەرنى تەنقىد قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.19
2008.08.19
مەزكۇر تەشكىلات يەنە، كاپالەتچى شىركەتلەرنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، مەزكۇر كومىتېت قارمىقىدا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئولىمپىك يىغىنلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا شېرىك بۇ 12 شىركەتنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپالەتچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 866 مىليون دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ئورگان يەنە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئايرىم ياكى كوللېكتىپ ھالدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ شىركەتلەر مەتبۇئات چەكلىمىسى، ئاققۇن ئىشچىلار ھوقۇقى، ئۆي ئىگىلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋەقەلىرىگە كۆز يۇمدى"دەپ ئەيىبلەندى.
ئەيىبلەنگەن شىركەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئاممىباپ ئېلېكتىر شىركىتى، كوكا كولا، كوداك، ئومېگا، پاناسونىك، سامسۇڭ قاتارلىقلار بار.