سابىق خىتاي مۇخبىرى شىۋىتسارىيىنىڭ مۇكاپاتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى، سابىق فۇجو گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لى چاڭچىڭنىڭ، شۋېتسارىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن " ئالتۇن قەلەم ئەركىنلىك مۇكاپاتى" نى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.29

 ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، لى چاڭچىڭ 2008 ‏ - يىللىق دۇنيا گېزىتچىلىك بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان " ئالتۇن قەلەم ئەركىنلىك مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت لى چاڭچىڭنىىڭ پاسپورت ئېلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا تەييارلانغان ئىكەن.

بىراق ھۆكۈمەت لى چاڭچىنىڭ ئايالى باۋ دىڭلىڭنى بېيجىڭ ئايروپىلان ئىستانسىسىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىۋاتقان يېرىدە توسىۋېلىپ، ئۇنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغان.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 1 مىڭ 800 دىن ئارتۇق گېزىتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدىغان مەزكۈر مۇكاپاتلاش يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان لى چاڭچىڭ، فۇجو گېزىتى زىيارەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، ئۇ 2004 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا بوشۇن تور بېتىدە فۇجو شەھىرىدە بىر خىل جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانلىق ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، " قەستەن قاباھەتلىك ئۇچۇر ئويدۇرۇپ تارقىتىش جىنايىتى" سادىر قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئەمما ئورگان مەتبۇئاتلىرى لى چاڭچىڭنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانلىق توغرىسىدىكى خەۋىرىدىن كېيىن، فۇجو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېتىراپلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.