ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پوېتتېرىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى ماقۇللىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.11

 مەزكۇر قارار لايىھىسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى فرانسىيىدە ئېچىلغان يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، پارلامېنتتىكى 439 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 51 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللاندى. گەرچە قارار لايىھىسىدە خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دىئالوگى، يەرشارى خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەردىكى زىچ ھەمكارلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق تۈردە دەپسەندە قىلىنىش خاتىرىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپلا قالماي، بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن.

قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت رەھبىرى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدا سۆھبەت باشلانغانلىقىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاينى سۆھبەت قەدىمىنى تېزلىتىشكە چاقىرغان شۇنداقلا تىبەتلىك نامايىشچىلارنى سۈرۈشتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىشتىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. قارار لايىھىسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن تۈرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى دائىم يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ياۋروپا پارلامېنتى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.