ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو ۋېن جياباۋ بىلەن تىبەت مەسىلىسىنى سۆزلەشتى

خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇسېي مەنۇئېل بارروسو، جۈمە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە دوستانە ھەم ئەركىن ئازادە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-04-25
Share

 بارروسو ۋېن جياباۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، "مەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن ئىلھاملاندىم شۇنداقلا مەن بۇ ساھەدە ئىجابىي بىر يۈزلىنىشلەرنىڭ پات يېقىندا مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تىنچ مۇھىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەكىتلىدى.

بارروسونىڭ زىيارىتى، تاشقى دۇنيانىڭ خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ بۇ زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلەر بىلەن كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە بولۇپمۇ سودا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى 9 كومىسارىياتنىڭ باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەككە يىتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت