بارروسو ۋېن جياباۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، "مەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن ئىلھاملاندىم شۇنداقلا مەن بۇ ساھەدە ئىجابىي بىر يۈزلىنىشلەرنىڭ پات يېقىندا مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تىنچ مۇھىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەكىتلىدى.
بارروسونىڭ زىيارىتى، تاشقى دۇنيانىڭ خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ بۇ زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلەر بىلەن كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەردە بولۇپمۇ سودا، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى 9 كومىسارىياتنىڭ باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەككە يىتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى.