بېيجىڭدا نامايىش ئۆتكۈزگەن 6 نەپەر ئامېرىكىلىق چېگرادىن چىقىرىۋېتىلدى

سەيشەنبە كۈنى كەچتە تىبەت ھەرىكىتىنى قوللايدىغان 6 نەپەر ئامېرىكىلىق، چاڭگا شەكىللىك ئولىمپىك مەيدانىغا يېقىن جايدا نامايىش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-20
Share

 ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، " ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدا كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئولىمپىك باغچىسىدا 5 نەپەر ئامېرىكىلىق " تىبەتكە ئەركىنلىك " دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ 20 سىكۇنت ئۆتكەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

يەنە بىر ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى نۇر ئارقىلىق "تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى كىشىلەر كۆپ توپلاشقان جايلاردا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقاندا ساقچىلار بايقاپ قېلىپ، ئۇمۇ قولغا ئېلىنغان.

ئولىمپىك باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىككى كىشى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېخى پۈتمىگەن بىناسىغا خىتايچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىقتا " تىبەتكە ئەركىنلىك" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى ئېسىپ قويغان ئىدى.

خىتاي ساقچىلىرى لوزۇنكا ئاسقان ئىككى كىشى ۋە نامايىش ئۆتكۈزگەن 3 كىشىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ 5 يىل ئىچىدە قايتا كىرىشىنى چەكلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت