خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئاھالىلىرىدىن ئولىمپىك باشلانغان كۈنلەردە سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئاھالىلىرىدىن ئولىمپىك باشلانغان كۈنلەردە سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ قاتناش ئەمەلدارلىرى جۇ جېڭيۈ بېيجىڭ ئاھالىلىرىدىن 'ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، بولۇپمۇ كېچىدە سىرتقا چىقىپ قاتناش جىددىيلىكى پەيدا قىلماسلىقى، قاتناش جىددىي ۋاقىتلاردا ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ ئىش توختىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.02

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا چاڭچىلە، سېرك، ئېتىلداق ۋە كۇڭزىچىلىق مەزمۇنلىرى ئارقىلىق 'خىتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى' دېگەننى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى قاتناش جىددىيلىكىنى ئىدارە قىلىش دەپ ئاتالغان بۇ چارىسى 20 ‏ - ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ جەرياندا بېيجىڭدا مىليونلىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كوچىلاردا قاتنىشى چەكلىنىدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.