ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە قىلچىمۇ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، ئەكسىنچە زور دەرىجىدە چېكىنىش يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.17

 فرانك ۋولف ئالدىنقى ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغان. زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلىغا خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 734 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغانلار ئىچىدە 46 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكى بار ئىدى.

فرانك ۋولفنىڭ بۈگۈنكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ناھەق جازالىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قېتىلىش قارارى يەنە بىر رەت تەنقىد قىلىنغان دوكلاتتا، جورج بۇشنىڭ بېيجىڭغا بارغاندا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن خۇپىيانە ئەمەس بەلكى خەلققە ئاشكارا ھالەتتە سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

فرانك ۋولف دوكلاتىدا يەنە، بېيجىڭدىكى چېغىدا، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تور بېتىگە كىرەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.