فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي خىتايغا مەھبۇسلار تىزىملىكى بىلەن بارغان

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.08

 فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت ساركوزىي بۇ تىزىملىكنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا تاپشۇرغان. تىزىملىكتىكىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن پارىژ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، "ئولىمپىك مەشئىلى پارىژدىن ئۆتكەندە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشىنى چەكلىگەن" ئىدى.

ساركوزىي دەسلەپ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بىر ئېلانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچى زاتلارنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلىپ، ساركوزىينى خىتايدىن بۇ كىشىلەرنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.