ئولىمپىك يىغىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينىيالمىغان

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلار ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىك يىغىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىجابىي رول ئوينىيالمىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.18

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىك يىغىنى ئەسلىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن، ئەكسىچە ئولىمپىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يەنە، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىدا قىلچىمۇ رول ئوينىيالمىغانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى ئېلىش ئالدىدا، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئوز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.

غەرب ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى باشلانغىنىغا بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان چەكلەش، نارازىلىق نامايىشلىرىغا رۇخسەت بەرمەسلىك ۋە ئۆكتىچىلەرنى نەزەربەند قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يۇمشاش بولغىنى يوق.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.