خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلدى

خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 4 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كەلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كامبېرادىن خەۋەر قىلىشىچە، 24 ‏ - ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرادا خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى يېقىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى 16 كىلومېتىر مۇساپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراتماي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 80 نەپەر قوغدىغۇچى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە مەخپىي يول پىلانلىغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ مەشئەل يېقىش پائالىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن يۈزلىگەن ساقچى تەيىنلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4000 كىشىنى بۇ پائالىيەتنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلغان. مەشئەل كۆتۈرۈش قوشۇنى ئىچىدىكى مەشھۇر ئەرباپلاردىن خاتلىفت دات ئەپەندى بۈگۈن مەشئەل كۆتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەن. ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان 500 تىبەت خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشقا تەييارلانغان. سېدنى شەھىرىدىكى چوڭ كۆۋرۈكتە يىراقتىن لازىر نۇرى بىلەن چۈشۈرۈلگەن تىبەت ھەرىكىتىنى قوللايدىغان شۇئارلار پەيدا بولغان.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە زېمىنىدا ئۆزىنىڭ مەشئىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىش ھوقۇقى يوق، ئەگەر مەشئەل ئۆچۈرىۋېتىلسە، پەقەت ئۇنى قايتىدىن يېقىش مەسئۇلىيىتى بار، ئەگەر خىتاينىڭ مەشئەل قوغدىغۇچىلىرى نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشسا قولغا ئېلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىنمۇ سېدنى، ئادالايد شەھەرلىرىدىن يۈزلىگەن ئادەم خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى يېقىلىدىغان كۈنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن كامبېراغا ماڭغان.