خەۋەردە شاڭخەي تاشقى سودا كومىتېتىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، سودا ۋىزىسى ۋە بازار تەكشۈرۈش ۋىزا ئىلتىماسلىرىغا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەمىنلىنىدىغان تەكلىپ خەتلىرى ئولىمپىك ئاخىرىغىچە توختىتىلىدىكەن.
شاڭخەي تاشقى سودا كومىتېتى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا، شاڭخەيگە سودا سەپىرى ئۈچۈن كېلىدىغان چەتئەللىك سودىگەرلەر چوقۇم قارشى تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ۋىزا ئىلتىماسىغا قوشۇپ ئېلىپ كېلىشى كۆرسىتىلگەن ھەمدە شاڭخەيدىكى سودا شىركەتلىرىنىڭ مۇھىم سودا سەپىرى ئۈچۈن شاڭخەيگە كەلمىسە بولمايدىغان چەتئەللىك سودىگەرلەرگە شۇ خىلدىكى چاقىرىقنى بېرىش نىسبىتىنى ئامالنىڭ بېرىچە كېمەيتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلەش قارارى شۇ خىلىدىكى قارارلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ شۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى، ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قارشىلىق نامايىشلىرىنىڭ سانىنى ئازلىتىش ئۇچۇن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى ھېچقانداق ئالدىن ئۇقتۇرۇش بەرمەيلا ئېلان قىلىشى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل چەكلىمە خىتايدا سودا قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچۈن جىددىي مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدىكەن.