تەيبېي سوت مەھكىمىسى تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ داۋاسىنى رەت قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24
2008.06.24
بۇ يىل مارت ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان تەيۋەننىڭ پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا، پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن Xie Changting، رەقىبى ما يىڭجيۇنى خىيانەتچى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. Xie Changting نىڭ شۇ چاغدىكى تەنقىدىدە، ما يىڭجيۇنىڭ شەھەر باشلىقى مەزگىلىدە، دۆلەتكە ئائىت 340 مىڭ دوللار پۇلنى شەخسىي ھېسابىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ما يىڭجيۇ بولسا، بۇ تەنقىدنى ئىنكار قىلغان ۋە قارشى تەرەپنى سايلامدا ئىغۋاگەرچىلىكتىن ئىبارەت رەزىل تاكتىكا قوللاندى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىشىدا، ما يىڭجيۇنىڭ خىيانەتچىلىك قىلغانلىقى يالغان بولۇپ ئىسپاتلانغان ئىدى. ما يىڭجيۇ سايلامدا ئۇتۇپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، سابىق رەقىبى Xie Changting ئۈستدىن داۋا ئاچقان. تەيبېي سوت مەھكىمىسى بۈگۈنكى قارارىدا، Xie Changting نىڭ تەنقىدىنىڭ تۆھمەت ياكى ئىغۋاگەرچىلىككە ياتمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.