تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتايغا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.15
2008.07.15
مىنىستىر چيۇ كوچىڭ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەسكىرىي ھۇجۇمىغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقىنى بوشاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىنىستىر چيۇ كوچىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر چوڭ ھەجىملىك مانېۋىر بولىدۇ. مانېۋىردا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسىنى مەشق قىلىدۇ.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مانېۋىردا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تەيۋەننىڭ ھەربىي بازىلىرى ۋە سانائەت مۇئەسسەلىرىنى قوغداش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.