تەيۋەن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى

مالايشيانىڭ باش مىنىستىرى ۋە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناجىپ ئەپەندى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىز تاقىم ئاراللىرىغا بارغاندا، مالايشىيا تىلىدا لاياڭ - لاياڭ ئارىلى، خىتاي تىلىدا قالغاچ ئارىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاراللارنى مالايشيانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بار ئارال دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن راجىپنىڭ باياناتىغا قارشى چىقىپ، بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.15

 ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىدا' شەرقىي دېڭىزدىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى، غەربىي تاقىم ئاراللىرى، ئوتتۇرا تاقىم ئاراللىرى، شەرقىي تاقىم ئاراللىرى دېگەن ئاراللار ۋە خادا تاشلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بار' دېيىلگەن.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي، فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋيېتنام، برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ تاقىم ئاراللىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە. ھازىر بۇنىڭدىكى 'تەيپىڭداۋ' دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئارالنى تەيۋەن كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقاندىن باشقا، قالغان ئاراللاردا خىتاي، فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋېيتناملار تۇرغۇزغان قوراللىق قىسىملار بار.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.