مايىڭجۇ سۆھبەتنىڭ شەرتىنىڭ تەيۋەننى نىشانلىغان راكېتالارنى بىكار قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يېڭىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مايىڭجۇ شەنبە كۈنى تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى بىكار قىلىشىدىن ئىبارەت، چۈنكى تەيۋەن مۇنداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدا قارشى تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارمايدۇ دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايىڭجۇ بۇ سۆزنى مەزكۇر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك يەنە بىر قانچە قېتىم دادىللىق بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە قاراتقان راكېتا سىستېمىلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

تەيۋەن پرېزىدېنتى مايىڭجۇ بۇنداق تەلەپنى ياپونىيە ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە، خىتاينىڭ 1000 دىن ئارتۇق راكېتاسى تەيۋەننى نىشانلاپ تۇرماقتا. بۇ ھال مۇستەقىلچى پرېزىدېنت چېنشۇيبىئەن دەۋرىدىلا ئىشقا ئاشقان بولۇپ، ئەلۋەتتە، گومىنداڭ پارتىيىسى ئارىلىقتا بىر قانچە يىل ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندا، تەيۋەندە مۇستەقىللىق پىكىرلىرى ئەۋجى ئالغان.

گومىنداڭنىڭ ئەسلى نىشانى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ، ئۆزىنىڭ 1949 - يلىدىن ئىلگىرىكى ھاكىمىيىتىنى ۋە ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولغاچقا مۇستەقىللىقىغا ئاشكارا قارشى چىقماقتا. مايىڭجۇ يەنە گومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا دېموكراتىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش ئىدىيىسىنىمۇ ھىمايە قىلىدۇ. سابىق گومىنداڭ رەئىسى لىئانجيان بىلەن خىتاي كومپارتىيە باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان ئىدى.