ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا - خىتاي ئىككى تەرەپ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئۆز ئارا كېلىشىم ماقۇللاپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ 12 كۈن ئامېرىكىدا ساياھەت قىلىش ۋە تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن، ئامېرىكا ساياھەت تارماقلىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا نەچچە مىليارد دوللارلىق تىجارىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەر بىر ساياھەتچى 4 مىڭ دوللارنى ئالدىن تاپشۇرغاندىن سىرت، يەنە ئامېرىكىدا 6 مىڭ دوللار خىراجەت قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. 2011 - يىلىغا قەدەر ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 680 مىڭغا يېتىدىكەن.
22 ياشلىق ساياھەتچى خۇاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆمەك، شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، خىتايدا پاسپورت بېرىش قاتتىق چەكلەنگەن بىردىن - بىر مىللەت ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئۆمەكلىرىگە قېتىلىپ چەتئەللەرگە چىقىشى تولىمۇ تەس ئىكەن. ھەتتا چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە ئېلىپ كېلىش ھوقۇقى تۇرۇقلۇق، خىتاينىڭ پاسپورت بەرمەسلىكى تۈپەيلى بىر ئارىغا جەم بولالمىغان ئاتا - ئانىلار، ئەر - خوتۇنلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.