خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش، ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بېجىرىۋاتقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ مىگ - 171 تىپلىق بىر تىك ئۇچار توشۇش ئايروپىلانى 31 - ماي كۈنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولۇپ قايتىش سەپىرىدە ۋېن چۈئەن ناھىيىسى ئەتراپىدا ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇنۇشى بىلەن ھادىسىگە ئۇچرىغان.

شىنخۇئانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندا 19 نەپەر ئادەم بولۇپ، بەش نەپىرى ئۇچقۇچى ھەم ئايروپىلان خادىمى، قالغان 14 نەپەر ئادەم بولسا، قۇتقۇزۇلغان يارىدارلار ھەم مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر ئىكەن. ھازىرچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەن ياكى يارىدار بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ھەم قۇتۇلدۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ 20 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئېغىر ۋەقە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ھەربي ۋە سىياسىي رەھبەرلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلغان، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇئو بوشۇڭ سىچۈئەنگە بېرىپ، ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ھەم قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنى ئىزدەش خىزمىتىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان.