بېيجىڭ ئولىمپىك ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىكلىرى كىردى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.13
2008.08.13
بۇ كۆرۈنۈش ھازىر مۇخبىرلارغا 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ تانكىلىرى كىرگەن فوتو سۈرەتنى ئەسلەتمەكتە.
مۇخبىرلارنىڭ ئۆزىنى قورشىۋالغان بۇ برۇنىۋىكلاردىكى ھەربىيلەردىن 'بۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسمۇ؟' دەپ سورىغان سوئاللىرى جاۋابسىز قالدى.
بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېي مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'ئولىمپىك ئاخبارات مەركىزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرونىۋىكلارنى ئەۋەتىش يۇقىرىنىڭ قارارى' دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە ' ئولىمپىك كومىتېتىمىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىككى مۇخبىرىغا زىيارەت كىنىشكىسى بېرىشنى تەستىقلىغان ئىدى، ئەمما ھازىر بىرىگىلا كىنىشكە بېرىلدى، يەنە بىرىگە بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى تېخىچە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ' دېگەن.