خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسلىق شەھەرلەردىكى ئايرودۇرۇملاردا يولۇچىلار قاتمۇ - قات تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بەزى تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان چىڭداۋ، تيەنجىن، شېنياڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئوخشاش شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، بۇ خىل تەكشۈرۈش خىتاينىڭ باشقا ئايرودۇرۇملىرىدىمۇ ئوخشاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئايرودۇرۇملاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزىدىغان بولۇپ، خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ۋە تىبەت ئايرودۇرۇملىرىدا قاتمۇ - قات بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە تەكشۈرۈش ۋاستىلىرىمۇ يۈرگۈزۈلىدىكەن.
ئەمما خەۋەردە ئۇيغۇر ئىلى شەھەرلىرىدىكى ئايرودۇرۇملاردا قانداق شەكىللىك قوشۇمچە تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرى قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى، تىبەتلەر ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى دېگەن باياناتلارنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەھدىتلەرنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
