خىتاينىڭ 'جۇڭگو بانكىسى' تېررورچىلىققا ياردەملەشكەنلىكىنى ئىقرار قىلمايۋاتىدۇ

ئىسرائىلىيە زېمىنىدا تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ سەۋەبسىز ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق بانكىسى بولغان 'جۇڭگو بانكىسى' ئۈستىدىن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-27
Share

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، 'جۇڭگو بانكىسى' بۈگۈن بۇ ئەرزدە ئېيتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلدى ۋە پاكىتلارنى ئىقرار قىلمىدى.

بۇ شىكايەتنامىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ جۇڭگو بانكىسى 2003 ‏ - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ خاماس، ھېزىبۇللا دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھېساب نومۇرىغا بىر نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى يۆتكەپ بەرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تور بەتلىرىدە ئاشكارىلانغان تېررورچىلىق ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 387 مىليارد يۈئەنلىك 1239 دېلو 'جۇڭگو بانكىسى' بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت