خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق ئىلتىماسنى كۆزدە تۇتۇپ، دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-04-25
Share

 شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە " مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتى بىردەك. سۆھبەت ئىشىكى باشتىن - ئاخىر ئۇچۇق،" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي تىبەتتىكى نامايىشتىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي ئەگەر خىتاي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىسە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

ئولىمپىك مەشئىلى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دالاي لامانى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى يەنە تىلغا ئالدى. خەۋەردە ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق "دالاي لامانىڭ ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش پائالىيىتى، كىشىلەرنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى" نى توختىتىشى، كېيىنكى قەدەمدىكى سۆھبەتكە يول ھازىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى، بۇ خەۋەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت