شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە " مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتى بىردەك. سۆھبەت ئىشىكى باشتىن - ئاخىر ئۇچۇق،" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي تىبەتتىكى نامايىشتىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي ئەگەر خىتاي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىسە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
ئولىمپىك مەشئىلى ھەر قايسى دۆلەتلەردە تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دالاي لامانى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى يەنە تىلغا ئالدى. خەۋەردە ئۇچرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق "دالاي لامانىڭ ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش پائالىيىتى، كىشىلەرنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتۈش، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى" نى توختىتىشى، كېيىنكى قەدەمدىكى سۆھبەتكە يول ھازىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى سامدوڭ رېنپوچى، بۇ خەۋەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.