ئەرزدارلارنىڭ تەلىپى ئەمگەك جازاسىغا يول ئاچتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.20
2008.08.20
مەركىزى نيۇيوركتىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭلىق ئەرزدار ۋۇ بىلەن ۋاڭ، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا، ھۆكۈمەت يولغا قويغان رايونلاردا نامايىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ھەقلىق ئىلتىماسىغا يول قويۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش جازاسىغا تارتقان.
بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن ۋۇ بىلەن 77 ياشقا كىرگەن ۋاڭ، 2001 - يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئۆيلىرى ئۈچۈن، نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ھۆكۈمەتكە 5 قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. رۇخسەتكە ئېرىشەلمىگەن بۇ ئىككەيلەن، 5 - ئاۋغۇست كۈنى ساقچى تەرىپىدىن 10 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورگىنىنىڭ " ئاممىۋى مەيدان تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان" دېگەن باھانە بىلەن چىقىرىلغان بىر يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش قارارىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، كۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان، يول يۈرۈشتىمۇ ناھايىتى قىينىلىدىغان ۋۇ موماينى، مەجبۇرلاش، تەھدىت سېلىش ھەمدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىغا تارتىشتەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئولىمپىك جەريانىدا نامايىش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلغان مەيدانلارنىڭ ساختا ياسالغانلىقىنى، بۇنىڭ تامامەن خەلقئارا جامائەتنى ئالداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئويۇندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.