بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىغا زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆپەيتمەكچى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي تەرەپنىڭ تەيۋەن بىلەن يۈز بېرىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكا تەرەپنىڭ قول تىقىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان ھەربىي بازىلىرى ۋە ئاۋىئاماتكا گۇرۇپپىلىرىغا زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا: گەرچە " خىتاي كوممۇنىستلىرى" تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي تىركىشىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە " ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي مۇداخىلە قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەڭ قۇدرەتلىك چەتئەل كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېيىلگەن.

خىتاي ئۆتكەن يىلى خەلق قۇرۇلتىيىدا، ھەربىي خامچوتىنى 17.8 پىرسەنت ئاشۇرۇپ يىللىق ئومۇمى سېلىنمىسىنى 44.95 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ئېلان قىلغان ساندىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇماننى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتىمۇ، خىتاي ئېلان قىلغان ھەربىي خامچوتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى ‏ - ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئىنتىلىشلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.