خىتاي چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشتىكى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىدى

خىتايدا خام ئەشيا باھاسىنىڭ ۋە باشقا چىقىملارنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تەننەرخى توۋەن بولۇش ئارتۇقچىلىقى بىلەن چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشتىكى ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەھۋال خىتايغا مەبلەغ سالغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلايدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-04-28
Share

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا، مەزكۇر مىنىستىرلىققا ئەزا شىركەتلەرنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسىمى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر تۈلۈك چىقىملارنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارا بازاردىكى رىقابەتتە ئۈستۈن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شاڭخەي بۆلۈمىنىڭ رەئىسى نورۋەلل كونكۇللار: " ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارىماققا تۈگىمەس، توۋەن باھالىق، مەلىكىسىز ئەمگەك بىلەن تەمىن ئېتىش ئاخىرقى چېكىگە يېتىش ئالدىدا تۇرماقتا" دېگەن.

ئۇ يەنە، ئەمگەك بازىرىدىكى چىقىملارنىڭ ئۆرلىشى پەقەت ئېكسپورت ئاساسىغا قورۇلغان ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىكەن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت