خىتاي مېھمانخانىلارغا جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى بېكىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى سام براۋنبەك ئەپەندى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خىتايدىكى ھەممە مېھمانخانىلارغا، رېستورانلارغا جاسۇسلىق ئۈسكۈنىلىرى بېكىتىپ ئولىمپىككە كەلگەنلەرنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق نازارەت قىلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن ھۆججەتنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ باشقا ئەزالارغا كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ بۇ تەدبىرىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا خىتاينى بۇنداق بۇيرۇقنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە بېيجىڭ شەھىرىدە 1989 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتىدىغان ھەر قانداق كىشىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، خىتايدا چەتئەللىكلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مېھمانخانىلار ئەگەر بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىسا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.