خىتاي ساقچىلىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپىنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى شى داگاڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، 4 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە 'ئەستايىدىل پىلانلانغان ھەرىكەت'، 'قوراللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قوراللىرىغا ئوخشايدۇ' دەپ ۋە ئەل - قائىدىچىلەرگە چېتىپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.06

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئابدۇراخمان ئازات، قۇربانجان ھېمىتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈندىن باشلاپ قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا تولۇق قوراللىنىپ، جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. كىملىك تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر پويىز ئىستانسىسىغا ۋە پاكىستاندىن يولۇچىلار كېلىدىغان جايغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'داگوڭباۋ گېزىتى' ئېلان قىلغان خەۋەردە، خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى شى داگاڭ 4 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەسىنى زوراۋانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ بېكىتتى، دەپ بايان قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.