خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە تەنقىدكە ئۇچرىدى

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسيونى "ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي" نامىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى يەنە بىر قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىدى. يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن Ros Lehtinen خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۆكتىچى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.07.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە، ئولىمپىك ۋەدىسىگە تامامەن خىلاپ ھالدا، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا ئولىمپىك يېقىنلاشقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار قاتارىدا، فالۇنگۇڭچىلارنى، خىتاي دۈشمىنى دەپ قارالغان ئۆكتىچىلەرنى، شىمالىي كورىيىدىن كەلگەن سىياسىي ئىلتىجاچىلارنىمۇ قوشۇپ تىلغا ئالدى.

Ros Lehtinen سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دارفۇر خەلقى چېكىۋاتقان زۇلۇم، بېرمىلىقلار تارتىۋاتقان ئازاپتىمۇ سەۋەبكارلار قاتارىدا سانىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى ئولىمپىكنىڭ ئوبرازىغا ئىزچىل تۈردە داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.