ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە، ئولىمپىك ۋەدىسىگە تامامەن خىلاپ ھالدا، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا ئولىمپىك يېقىنلاشقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار قاتارىدا، فالۇنگۇڭچىلارنى، خىتاي دۈشمىنى دەپ قارالغان ئۆكتىچىلەرنى، شىمالىي كورىيىدىن كەلگەن سىياسىي ئىلتىجاچىلارنىمۇ قوشۇپ تىلغا ئالدى.
Ros Lehtinen سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ دارفۇر خەلقى چېكىۋاتقان زۇلۇم، بېرمىلىقلار تارتىۋاتقان ئازاپتىمۇ سەۋەبكارلار قاتارىدا سانىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى ئولىمپىكنىڭ ئوبرازىغا ئىزچىل تۈردە داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.