خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى جىددىي كۈچەيتمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 8 ‏ - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمى دۇچ كېلىدىغان ھەر قانداق بىر تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ساقچى قىسىم ئەترىتى ۋە ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭ كىشىلىك تېررورلۇققا قارشى ھەربىي قىسىم ھازىرلاشنى پىلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.19

 ھۆكۈمەت ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتقان ھۆكۈمەت، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە نۇقتىلىق شەھەرلەردە چارلاش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن.

بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ليۇ جاۋۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، 5" ‏ - نومۇرلۇق چاڭچېڭ " نامىدىكى ھەربىي مانېۋىردا خىمىيىلىك ئوق - دورا ھۇجۇملىرىغا زەربە بېرىش "، " ئاپتوموبىلدا كېتىۋېتىپ ئوق چىقارماقچى بولغان مەرگەنلەرنى يوقىتىش" قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئوخشاش ھەربىي مەشىقلەر ئېلىپ بېرىلغان.

ليۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە بىخەتەرلىك، قاتناش، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش شۇنىڭدەك مۇھىم شەخسلەرنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر 500 دىن ئارتۇق مۇھىم تۈرلەر بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىپ بولغان.

خەۋەردە يەنە، بېيجىڭنىڭ شەھەر ئىچىدىكى بارلىق پويىز ئىستانسىلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان 150 مىڭدىن ئارتۇق بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىمدىن باشقا،ئۆزىنى تىزىملاتقان 290 مىڭ پىدائىي كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل قىلىنغان.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى رەسمىي باشلانماقچى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.