" ئولىمپىك مەيدانىنىڭ ئارقىسىغا خىتايدىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان "
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.08.04
2008.08.04
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە باشقا ئاساسلىق مۇسابىقە تۈرلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان " قۇش ئۇۋىسى" تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ لايىھىلىنىشىگە مەسلىھەتچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئاۋانگارت سەنئەتكار ۋە تەنقىدچى ئەي ۋېيۋېي بولسا، مەزكۇر ئولىمپىك مەيدانىنىڭ ئارقىسىغا خىتايدىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى شۇڭا مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ مەيداننى "ساختا تەبەسسۇم" دەپ ئاتىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، " مەدەنىيەتلىك شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى" غا قول قويۇشقا مەجبۇرلانغان شىجياجۇاڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق جاڭ فامىلىلىك تور بېتى لايىھىلىگۈچى، ئولىمپىكنىڭ ئۆزىدەك ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن كۆپ ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئۆز تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭ كوچىلىرىدا مۇز قايماق ساتىدىغان 53 ياشلىق ئۆزىنى ۋۇ دەپ تونۇشتۇرغان يايمىچى، ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تازىلاش ئېلىپ بېرىشتا يايمىسىنى تاقاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئولىمپىك يىغىنىنىڭ پاتراق ئاياغلىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە: " بۇ دۆلەت ئۈچۈن بىر پارلاق سەھىپە بولسا، زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئادەتتىكى خەلق " دېگەن.









