خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىلىكلەرنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن خىتايدىن ئايرىلىشقا بۇيرىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا شىمالىي كورىيىگە تۇتىشىدىغان بارلىق كۆۋرۈكلەرنى تاقايدىغانلىقىنى ھەمدە ھازىر خىتايدا ھەر خىل خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىمالىي كورىيىلىكلەرنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن خىتايدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.21

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى شاڭ فامىلىلىك بىر خادىم ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە شىمالىي كورېيە ئەلچىخانىسىمۇ بۇ ھەقتە تارتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىدىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلارنى، پۇل تېپىش ئۇچۇن كەلگەن ئىشلەمچىلەر دەپ تونۇپ ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىدىغان بولغاچقا، خىتاي مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەجبۇرىي ھالدا ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتايدا نەچچە ئون مىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر مۆكۈپ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلىنىشقا ئۇچراش، قىز - چوكانلارنىڭ باشقىلارغا خوتۇنلۇققا سېتىلىش ۋە جىنسىي قۇللۇققا تۇتۇلۇش خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.