خىتاي ھازىر يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن تەيۋەننى قارىغا ئالماقتا
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.02
2008.07.02
خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ما يىڭجۇ پرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەت يۇمشاپ، ھەتتا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بىۋاستە ئايرۇپىلان قاتنىماقچى بولغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن 1949 - يىلى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ جاكارلاپ تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.