'جۇڭگودا دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىش كېرەكمۇ؟'
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.13
2008.08.13
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇراسىمدىن كېيىن خىتايدىكى تور بەتلىرى ۋەتەن ھەققىدىكى بۇ ناخشىنى ئىنتايىن يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئېيتقان لىن مياۋ ئەمەس، بەلكى ياڭ پېييى ئىسىملىك يەتتە ياشلىق باشقا بىر قىزچاق ئىكەنلىكىنى، ئۇ پەقەت چىرايلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا سەھنىگە چىقىرىلمىغانلىقىنى پاش قىلدى.
ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ساليوت ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن 29 پۇت ئىزىمۇ نەق مەيداندىن ئېلىنمىغان، بەلكى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئالدىن تەييارلاپ چىقىلغان كارتۇن ئىكەنلىكى ھازىر ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى تور بەتلىرىدە 'جۇڭگودا دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىش كېرەكمۇ؟' دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بۇ ھەقتە بەس - مۇنازىرە باشلاندى.