رويتېرس ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي ئورگانلىرىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلىدۇ. 19 - ماي كۈنى سائەت 14 تىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۈچ مىنۇت ماتەم بىلدۈرۈلىدۇ، ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوت ھەم باشقا قاتناش قوراللىرىنىڭ سىگناللىرى ۋە ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىگناللىرى چېلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مەشئىلىنىمۇ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئۇچ كۇن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھازىرغا قەدەر 32 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلۈم ئەھۋالىنىڭ بەلكى 50 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكى جەزىم قىلىنماقتا، ھازىر جىددىي قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەتتا ياپونىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇتۇلۇدۇرۇش ئەترەتلىرىمۇ قاتناشقان. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئاپەتكە ئۇچراش سەۋەبى بىلەن ماتەم كۈنى ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
يەكشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئارىلىدىكى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابى ئىككى توشۇش ئايروپىلانى چىقىرىپ، زور مىقداردىكى ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، ئەدىيال قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى سىچۈئەنگە يەتكۈزگەن. بۇ ئايروپىلانلار چىڭدۇغا يېتىپ كېلىپ ياردەم بۇيۇملىرىنى چۈشۈرۈپ بولۇپ قايتىپ كەتكەن.